1 بىرمەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرايىمنى ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى.
لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.
ئۆمرۈڭ يەتكەي بالاڭنىڭ بالىلىرىغا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى.
يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ يەنە 140 يىل ياشاپ، ئەۋرە كۆردى.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى.
ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياتقان ئورنىدىن كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ تۇرۇپ، ئاران ئولتۇردى.
ياقۇپ يەنە: _ ئەي يۈسۈپ، مەن مىسىرغا كەلمەستە، سەن بۇ يەردە ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپسەن. بۇ ئىككى ئوغلۇڭ، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسە رۇبېن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھېسابلانسۇن.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى.
ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ: _ ئاتا، ئاتا، ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىشا ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا ئىسرائىللار ھەر يىلى ئەتىيازدا موئاب قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتى.