23 يۈسۈپ خەلققە: _ مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي.
دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ.
- كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.
قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ، يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ.
ئۇرۇقلىرىڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن، كەچتىمۇ چاچقىن، چۈنكى سەن قايسى ئۇرۇقنىڭ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. بەلكىم ئۇ ياكى بۇ ياخشى ئۆسۈشى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئۆسۈشى مۇمكىن.
يوقسۇلنىڭ بوز يېرى تېرىلىشى بىلەن مول ھوسۇل بېرەر، بىراق ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن تارتىۋېلىنار.
يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.
قالار ئاشلىقنى ۋاقتىدا ساتمىغانلار خەلقنىڭ لەنىتىگە، بەرىكەت تىلىنەر ئاشلىقنى ۋاقتىدا سېتىپ بەرگەنلەرگە.
ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.
بەختلىكتۇر غېرىبلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئۇنى.
بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ.
كەينىدىن چىققان يەتتە ئورۇق ۋە كۆرۈمسىز كالا بىلەن ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالغان يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە يىل قەھەتچىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى، چۈنكى ئۇلار پىرئەۋندىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى.
ھوسۇل ئالغان ۋاقتىڭلاردا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ئوزۇق قىلىڭلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، _ دېدى.