ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 47:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى، چۈنكى ئۇلار پىرئەۋندىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى. Gade chapit la |
پىرئەۋن يۈسۈپكە مىسىرچە زافنات-پانېئاخ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. يۈسۈپ مىسىرنىڭ پىرئەۋنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پىرئەۋن ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.