16 يۈسۈپ ئۇلارغا: _ ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، چارۋا ماللىرىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، _ دېدى.
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.
قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار.
بىلدۈرەر ھەق سۆزلىگۈچى ئادىللىقنى، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى ساختىلىقنى.
مىسىر ۋە كەنئاندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ پۇللىرىمىز تۈگىدى. كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، بىزگە ئاشلىق تېپىپ بەرگەيلا، _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارۋا ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ بۇ يىلى ئاشلىق بەدىلىگە ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى.