13 ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىدى، قەھەتچىلىك ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىسىرلىقلار ۋە كەنئانلىقلار قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن ئازاب چېكەتتى.
كېيىن، پۈتۈن مىسىر ۋە قانان يەرلىرىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، زور ئاپەت بولدى. ئەجدادلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدى.
ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر، قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر.
مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»
ئاخاب ئوبادىياغا: _ بىز زېمىنىمىزنى ئارىلاپ، بۇلاق ۋە ئېقىنلار بار يەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقايلى. ئۇ يەرلەردىن ئات ۋە قېچىرلارنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغۇدەك ئوتلاقلار تاپالىساق ئەجەب ئەمەس. ئۇ چاغدا ماللارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، _ دېدى.
شۇندىلا كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ساقلانغان ئاشلىق بىلەن پۈتۈن خەلقنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايلا.