12 يۈسۈپ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جان سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى.
چۈنكى قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ. مەن سىزنى باقىمەن. مەن پۈتۈن ئائىلىڭىز ۋە چارۋا ماللىرىڭىزنىڭ ئاچارچىلىق يىللىرىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن› دېدى» دەڭلار، _ دېدى.
بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ.
لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇ پەرزەنتلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن. چۈنكى بۇ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ياردىمىڭلارنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىدۇق. لېكىن، سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق.
سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.
ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
ھوسۇل ئالغان ۋاقتىڭلاردا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ئوزۇق قىلىڭلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، _ دېدى.
پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى.
يۈسۈپ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم كەنئاندىن چارۋا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.
قورقماڭلار، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىشى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.
شۇڭا سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ۋە نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ، مېنى بۇ يەرگە سىلەردىن ئاۋۋال ئەۋەتتى.
ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، چارۋا ماللىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى ئېلىپ، گوشەن رايونىغا كېلىڭ ۋە ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ.
شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.»