11 يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە، يەنى رەمسېس رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى.
ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى.
مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنىدۇر. ئۇلار مىسىرنىڭ قەيېرىدە تۇرۇشنى خالىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن، گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال بېقىشقا مايىر كىشىلەر بولسا، ئۇلارنى ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر.
چۈنكى، سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.
خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن.
ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.
ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم.
ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار چارۋىچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.
ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار يەرگە ئىگە بولۇپ، روناق تېپىپ، ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى.
شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.»