3 خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.
«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.
پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى.
قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.
خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن
خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، مىسىردىكى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى.
بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلار مىسىرغا بارغاندا، پەقەت يەتمىش ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھازىر سىلەرنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى.
چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار.
ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار يەرگە ئىگە بولۇپ، روناق تېپىپ، ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيدى.
ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.
چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق قىلىمەن. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىبرام، شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر ئەلدە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ ئەلدىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئازاب چېكىدۇ.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
شافاننىڭ نەۋرىسى يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ بابىللىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىپ، بابىل پادىشاھىنى پادىشاھىمىز دەپ قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.
مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»
ئاتىسى رەت قىلىپ: _ ئەي ئوغلۇم، مەن بىلىمەن، بىلىمەن. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ چوڭ ئەل بولىدۇ، لېكىن ئىنىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئەۋلادلىرى روناق تاپقان كۆپ خىل ئەللەرگە ئايلىنىدۇ! _ دېدى.
بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.
لېكىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، مىسىرنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ،