Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا: _ ياقۇپ، ياقۇپ! _ دەپ چاقىردى. _ لەببەي، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46:2
23 Referans Kwoze  

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى.


بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: - كورنىلىي! - دەپ چاقىردى.


دەمەشقتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانانىيا ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كەلدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنى: - ھانانىيا! - دەپ چاقىردى. - ئى رەببىم، مانا مەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.


يەرگە يىقىلغان سائۇلغا: - سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ - دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.


شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ،


كىشىلەر غەرق ئۇيقۇدا، كېچىنىڭ قالايمىقان چۈشلىرى قاينىمىدا ياتاتتى.


زىكىرىيا ئۇززىياغا خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگەتتى. ئۇززىيا زىكىرىيا ھايات ۋاقتىدا خۇداغا ئىنتىلدى ۋە خۇدامۇ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.


شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە


ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.


خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم.


بىراق پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن: _ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ ۋارقىرىدى. _ لەببەي! _ دېدى ئۇ.


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ: _ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ لەببەي! _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىبرام، شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر ئەلدە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ ئەلدىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئازاب چېكىدۇ.


ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.


بىر كۈنى كېچىسى خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: _ پات ئارىدا ھالاك بولىسەن! چۈنكى سەن ئەكەلدۈرۈۋالغان ئايال باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر، _ دېدى.


پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ.


شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن.


مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite