Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46:12
29 Referans Kwoze  

يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان ئېسىل زىغىر يىپتىن رەخت توقۇيدىغانلارنىڭ جەمەتلىرى،


ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پەرۋەردىگار رەزىللىك دەپ قارىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.


ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل دەپ قارالغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.


ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا [ئىبرانىي تىلىدىكى «مەدھىيە» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇغمىدى.


بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى.


رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى.


بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى، يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى.


يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.


داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون، يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان، ئىككىنچى ئوغلى دانىيال، كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان،


ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،


پەرۋەردىگار جاۋابەن: _ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


مۇسا يەھۇدا قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغايسەن يەھۇدانىڭ ئىلتىجاسىغا. ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەيسەن خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا، ئۇ ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. ياردەم بەرگەيسەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا».


يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،


ئايالى يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى.


لاۋىي ۋە ئۇنىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى قاتارلىق ئوغۇللىرى،


ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ تولاھ، پۇۋاھ، يوب ۋە شىمرون قاتارلىق ئوغۇللىرى،


پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.


بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.


كېيىن ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شېلاھ قويدى. شېلاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كىزىب دېگەن يەردە ئىدى.


يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


زەراخنىڭ ئەۋلادى: يىئۇئېل. يەھۇدا قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر جەمئىي 690 كىشى ئىدى.


زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان پىتاخيا مىشېزابئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسرائىل خەلقى مەسلىھەتچىسى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite