Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 لاۋىي ۋە ئۇنىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى قاتارلىق ئوغۇللىرى،

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46:11
17 Referans Kwoze  

ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى ئېرىم ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى لاۋىي [ئىبرانىي تىلىدىكى «يېقىنلىشىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.


لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى.


ئۇلارنىڭ يەنە زىرۇيا ۋە ئابىگال ئىسىملىك سىڭىللىرى بار ئىدى. زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاسائېل ئىدى.


ناخشوندىن سالما تۆرەلدى، سالمادىن بوئاز تۆرەلدى،


ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،


لاۋىينىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.


شىمون ۋە ئۇنىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار، شۇنداقلا كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،


يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،


تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر. ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite