Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرئەۋننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45:8
11 Referans Kwoze  

سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ.


دېمەك، خۇدا كىمگە رەھىمدىللىك كۆرسىتىشنى ئۆزى تاللايدۇ. بۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىگە باغلىقتۇر.


- سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


نامراتلارغا ئاتا بولدۇم، ناتونۇشلارنى ئاقلىدىم.


مىكاھ ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، كىيىم-كېچىكىڭ ۋە يېمەك-ئىچمىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى.


لېكىن سىلەر بۇ ئىشىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار ھەم ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەپمۇ يۈرمەڭلار. مېنى خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى.


خۇدانىڭ قۇلۇڭ ئونېسىمۇسنىڭ ۋاقتىنچە سېنىڭ يېنىڭدىن قېچىشىغا يول قويغانلىقى، بەلكىم كېيىن سېنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشىڭ ئۈچۈندۇر.


مەن ئۇنىڭغا سېنىڭ شاھانە تونۇڭنى كىيدۈرۈپ، بەلبېغىڭنى باغلاپ، ئۇنىڭغا سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى بېرىمەن. شۇ چاغدا ئۇ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.


ئۇلار ئاتىسىغا: _ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى. ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite