3 يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: _ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟ بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىدىن گەپ قىلىشالماي تۇرۇشۇپلا قالدى.
شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىمۇ پادىشاھقا تونۇشتۇردى.
- ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ. - مەن، سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا.
مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.
مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!
بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.
ھەممەيلەن ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇشقانىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: - خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! - دېدى.
شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، پاراكەندە بولىمەن. بۇ ئىشنى ئويلىساملا ۋەھىمىدە قالىمەن.
ئەمدى ساڭا ئاپەت يېقىنلاشسا ئۆزۈڭدىن ئۈمىدسىزلەندىڭ، بېشىڭغا بالا كەلسە ئۇنىڭدىن ھودۇقتۇڭ.
بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى. ئاندىن ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، _ دېيىشتى.
ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى.
رۇبېن ئۇلارغا: _ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، ئاڭلىمىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنىڭ قان قىساسىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.
يۈسۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن: _ سىلەر ماڭا ياشىنىپ قالغان ئاتاڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلغانىدىڭلار. ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق، ھاياتمۇ؟ _ دەپ سورىدى.