Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇ چاغدا ئۇ شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ ئاڭلىدى. بۇ خەۋەر تېزدىن پىرئەۋننىڭ ئوردىسغىمۇ يېتىپ باردى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45:2
10 Referans Kwoze  

كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى.


«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، تىنچ-ئامان ياشىشىڭلارغا نېسىپ قىلغاي، _ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:


ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلىنىپ ۋارقىراشتى ۋە قاتتىق يىغلاشتى.


يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا باردى. يۈسۈپ ئاتىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنى قۇچاقلاپ، ئۇزۇنغىچە يىغلىدى.


يۈسۈپ ئۆز ئىنىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ھېسسىياتىنى باسالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى.


ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى.


ئاندىن ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.


يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite