12 يۈسۈپ يەنە: _ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ كۆردۈڭ.
يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى.
ئاندىن، توماسقا: - بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! - دېدى.
قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، - دېدى.
چۈنكى قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ. مەن سىزنى باقىمەن. مەن پۈتۈن ئائىلىڭىز ۋە چارۋا ماللىرىڭىزنىڭ ئاچارچىلىق يىللىرىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن› دېدى» دەڭلار، _ دېدى.
ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.