Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، خىزمەتكارلىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشىنى بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45:1
12 Referans Kwoze  

- ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەر. ھەرقانداق ئىش ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىلا قالسۇن. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالغان بولىسەن.


مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.


ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم، جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش، قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.


ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە، جاكارلىماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا. خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى، شادىمان بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!


شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىمۇ پادىشاھقا تونۇشتۇردى.


ئەگەر مەن بۇ بالىسىز يالغۇز كەتسەم، ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! _ دېدى.


ئۇ ئەتكەن تامىقىنى ئېلىپ كېلىپ، ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون تاماقنى يېگىلى ئۇنىماي، خىزمەتكارلىرىغا: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.


يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite