5 نېمىشقا خوجايىنىمنىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟ خوجايىنىم ئۇ جامدا ھەم شاراب ئىچەتتى، ھەم پال ئاچاتتى. سىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار!» دېگىن، _ دېدى.
لابان ئۇنىڭغا: _ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن.
ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار.
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مەندەك بىر ئادەمنىڭ پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دېدى.
ئەمەلدارلار بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىپ، تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ: _ بەنھاداد سىلىنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر! _ دېيىشتى. ئاخاب: _ ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى. بەنھاداد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاخاب ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى.
غوجىدار ئۇلارغا يېتىشىپ، يۈسۈپنىڭ سۆزىنى ئۇلارغا دېدى.