2 ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىغا مېنىڭ كۈمۈش جامىم بىلەن پۇلىنى سېلىپ قوي! _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن شۇنداق قىلدى.
بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن.
- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.
ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر.
چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى.
سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى،
يۈسۈپ ئۆزى يالغۇز بىر داستىخاندا، قېرىنداشلىرى ئايرىم بىر داستىخاندا ئولتۇردى. زىياپەتتە بىللە بولغان مىسىرلىقلار يەنە بىر داستىخاندا ئولتۇردى. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشنى تۆۋەن كۆرەتتى.
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! _ دېدى. ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ،
يۈسۈپ غوجىدارىغا: _ سەن ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئۇلار ئېلىپ كېتەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قوي.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئېشەكلىرى بىلەن يولغا سېلىپ قويۇلدى.
غوجىدار چوڭىنىڭ تاغىرىدىن كىچىكىنىڭ تاغىرىغىچە ئاختۇرۇپ چىقتى. ئاخىردا كۈمۈش جامنى بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىۋالدى.
يۈسۈپ خىزمەتكارلىرىغا ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ بېرىشنى، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن،