ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 44:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 يەھۇدا جاۋابەن: _ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا بىزنىڭ گۇناھىمىزنى ئاشكارا قىلدى. ئەمدى بىز جاملىرىنى ئېلىۋالغان ئىنىمىز بىلەن بىرگە سىلىنىڭ قۇللىرى بولايلى! _ دېدى. Gade chapit la |
لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.