15 يۈسۈپ ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مەندەك بىر ئادەمنىڭ پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دېدى.
ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا: _ يۈرۈڭ، بىزگە بۇت ياساپ بېرىڭ، ئۇ بىزگە يول كۆرسەتسۇن. بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.
يۈسۈپ رەت قىلىپ: _ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم ماڭا ئىشىنىپ، بارلىق مال-مۈلكىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقىلا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىدىن خاتىرجەم.
ئابىمەلەك: _ بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. سەنمۇ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماپسەن، بۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم، _ دېدى.
پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ يەرگە چېچىلغان قېنى ماڭا پەرياد قىلماقتا.
پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.
يەھۇدا جاۋابەن: _ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا بىزنىڭ گۇناھىمىزنى ئاشكارا قىلدى. ئەمدى بىز جاملىرىنى ئېلىۋالغان ئىنىمىز بىلەن بىرگە سىلىنىڭ قۇللىرى بولايلى! _ دېدى.