6 ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر نېمىشقا مېنى بۇنداق قىينايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە: «ئۆيدە يەنە بىر ئىنىمىز بار» دەپ ئېيتتىڭلار؟ _ دېدى.
بولمىسا بارمايمىز. چۈنكى ئۇ كىشى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلانى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەنىدى، _ دېدى.
ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئۇ كىشى بىزنى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ: «ئاتاڭلار ھاياتمۇ؟ يەنە باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىسەك بولمايتتى. بىز ئۇنىڭ: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەتتۇق؟
ئۇلار مۇساغا: _ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ ئەجەبا، بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمىدىڭىز؟ بىزگە مىسىردا ياتقۇدەك گۆر چىقار بولغىيدى؟