Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 43:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 غوجىدار ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، قورقماڭلار! پۇللىرىڭلارنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم. ئۇنى تاغارلىرىڭلارغا چوقۇم خۇدا، يەنى ئاتاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ، _ دېدى ۋە شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتۇرۇپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 43:23
17 Referans Kwoze  

يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.


بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى.


سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئامان بولۇڭلار! ئاتام مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، - دېدى.


شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە، شاگىرتلار جەم بولغان يېرىدە يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقىدىن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى. شۇ پەيتتە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى


شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ: - سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، - دېدى.


قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «ئائىلەڭلارغا خۇدادىن ئامانلىق تىلەيمەن!» دەڭلار.


قېرىنداشلىرىغا: _ ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! _ دېدى. ئۇلار قورقۇپ، تىترەشكەن ھالدا ئۆزئارا: «بۇ خۇدانىڭ بىزگە نېمە قىلغىنىدۇ؟» دېيىشتى.


پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا سالام!


شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى بولغان ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي: _ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغۇچىلارغا تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! ھەقىقەتەن خۇدا ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىدى.


مۇنداق دەڭلار: «سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە سىزگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن.


بوۋاي: _ سىرتتا قونماڭلار! ئۆيگە مەرھەمەت، مەن ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالاي، _ دېدى.


پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى.


ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم يوق! _ دېدى.


ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى.


بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئاشلىق سېتىۋالىدىغانغىمۇ پۇل ئەكەلدۇق. ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا پۇللارنى كىم سېلىپ قويدىكىن بىلمىدۇق، _ دېيىشتى.


داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite