Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 43:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 43:21
12 Referans Kwoze  

يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ئالغاچ بېرىپ، ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىڭلارغا سېلىپ قويغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئېھتىمال بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.


بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.


ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ۋە بىنيامىننى ئېلىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىرغا بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى.


_ تەقسىر، ئالدىنقى قېتىم بىز بۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق.


بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئاشلىق سېتىۋالىدىغانغىمۇ پۇل ئەكەلدۇق. ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا پۇللارنى كىم سېلىپ قويدىكىن بىلمىدۇق، _ دېيىشتى.


ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىز ھەتتا ئۆتكەن قېتىمدا تاغارلىرىمىزدا پۇللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى كەنئاندىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تۇرساق، خوجايىنلىرىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئوغرىلامدۇق؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite