15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ۋە بىنيامىننى ئېلىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىرغا بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى.
كېيىن ئۇلار ئاشلىقلىرىنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشتى.
ياقۇپ ئۇلارغا: _ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار.
ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق.
ئۇلار سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، چۈشتە يۈسۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇردى. چۈنكى ئۇلار يۈسۈپ بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان جەڭچىسى زىكرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسېيانى، ساراي غوجىدارى ئازرىقامنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئەلقانانى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
كۆپ كىشىلەر مەرد ئادەمدىن ئىلتىپات كۈتەر. ھەممە كىشى سوۋغات بەرگۈچىگە دوست تارتار.