1 كەنئاندىكى ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشتى.
كەنئاندا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرماقچى بولدى، چۈنكى ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.
ئاچلىقتىن ئۆرلەپ قىزىتمىمىز، تونۇردەك قىزىيدۇ تېنىمىز.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى كەنئاندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: _ سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداق ھامىلىدار بولالايمەن؟!» دەيدۇ؟
ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى.
ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئاشلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ ئوغۇللىرىغا: _ سىلەر يەنە مىسىرغا بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىڭلار، _ دېدى.
كەنئاندا ماللىرىمىزنى باقىدىغان ئوتلاق قالمىدى، قەھەتچىلىكمۇ ئېغىر بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. ئالىيلىرىدىن بىزنىڭ گوشەن رايونىدا تۇرۇشىمىزغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، _ دېيىشتى.
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.