Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: _ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:9
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئۈچۈن، پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ۋالىينىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى.


تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدى.


ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا: _ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.


ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.


_ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.


ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئايغاقچى ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، سودا قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى.


ئاراڭلاردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانمىغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا ياتىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكېلەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم ئايغاقچى! _ دېدى.


ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.


شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئاتىسى ئوغلى يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite