Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى كەنئاندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:5
7 Referans Kwoze  

كېيىن، پۈتۈن مىسىر ۋە قانان يەرلىرىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، زور ئاپەت بولدى. ئەجدادلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدى.


ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى ھەممە يەردە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.


كەنئاندا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرماقچى بولدى، چۈنكى ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.


ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى.


بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە كلاۋدىيۇس پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.)


داۋۇتنىڭ زامانىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلدى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قانخورلۇقى سەۋەبىدىن بۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى، _ دېدى.


يۈسۈپ ئالدىن ئېيتقاندەك، يەتتە قەھەتچىلىك يىلى ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. لېكىن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىن ئاشلىق تېپىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite