4 لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتمىدى. چۈنكى ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى.
لېكىن ياقۇپ ئۇلارغا: _ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.
يۈسۈپ بىر ئانىدىن بولغان ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: _ سىلەر ماڭا ئېيتقان ھېلىقى ئەڭ كىچىك ئىنىڭلار مۇشۇمۇ؟ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي، _ دېدى.
ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم يوق! _ دېدى.
ئاندىن ئۇلار: _ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.
ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى: _ ئادەم بىزگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!
راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىن.
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى.