ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى36 ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى. Gade chapit la |
لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.
ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.