ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.