ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پىرئەۋننىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.
داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.