12 يۈسۈپ ئۇلارغا: _ ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، بىز ھەرگىز ئايغاقچى ئەمەس! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.
ئۇلار: _ ئى جانابلىرى، بىز ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز كەنئاندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى! _ دېدى.
سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پىرئەۋننىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن.
سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى.