Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 41:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 41:6
8 Referans Kwoze  

گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.


لېكىن ئۇ غەزەپ بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، يەرگە تاشلاندى. چۆلدىن كېلىدىغان ئىسسىق شەرق شامىلى مېۋىلىرىنى قۇرۇتتى، باراقسان شاخلىرىمۇ قۇرىدى. ئوت ئۇنى يالماپ يوقاتتى.


كۆچۈرۈلگەن ئۈزۈم تېلى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدۇ، ئۇنى شەرق شامىلى قۇرۇتۇۋەتمەمدۇ، كۆچەت كۆچۈرۈلگەن جايىدا قۇرۇپ قالمامدۇ؟!»


ئۇ قايتا ئۇيقۇغا كېتىپ، يەنە بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە بىر تۈپ بۇغداينىڭ تولۇق ۋە يېتىلگەن يەتتە دانە باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى.


كېيىن بۇ يەتتە دانە سولىشىپ قالغان پۇچەك باشاق ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنى يۇتۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداي يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقاردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى.


ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ.


كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite