2 دەريادىن يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلىدى.
مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ، سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.
ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى.
ئارقىدىن كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق يەتتە تۇياق كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى ھېلىقى يەتتە كالىنىڭ يېنىغا باردى.
يەتتە تۇياق سېمىز ھەم ساغلام كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاشقا باشلىدى.
سازلىق بولمىسا يېكەن ئۆسەمدۇ، قومۇش سۇدىن ئايرىلالامدۇ؟
نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە دەريا ئېغىزىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىپ، يوقىلىدۇ.