كېيىن، ھىرود خان تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىرلىشىپ، ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.