Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پەرۋەردىگار قابىلدىن: _ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى. _ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4:9
11 Referans Kwoze  

روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.


چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.


ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ: _ بىز بۇ ئالا توننى تېپىۋالدۇق، سەن كۆرۈپ باقساڭ، بۇ يۈسۈپنىڭمۇ؟ _ دېدى.


پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ يەرگە چېچىلغان قېنى ماڭا پەرياد قىلماقتا.


يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: _ بىزنىڭ ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟


ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن. قارىغىن، ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite