5 بىراق قابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
ھابىلنىڭ قابىلنىڭكىدىنمۇ ياخشى بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىشى ئېتىقادى ۋەجىدىن بولدى. ھابىلنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى قوبۇل قىلدى. ھابىل گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن يەنىلا بىزگە سۆزلەۋاتقاندەك تۇرماقتا.
ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر، نادان ئادەمنى ھەسەت.
بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى.
خۇدانىڭ يادىدا بولغاي ئاتىغان ھەدىيەلىرىڭ، قوبۇل قىلىنغاي ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ. سېلاھ
ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟»
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: _ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.
ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئاتاڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە.
ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى.
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.
دىيانەتلىكتىن نەپرەتلىنەر قانخورلار، ئالماقچى بولار دۇرۇسنىڭ جېنىنى ئۇلار.
يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.
يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ يەنە: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا مۇشۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.
خۇداغا غەزەپلەنگەنلىكىڭدىن، شۇڭا شۇنداق رەزىل سۆزلەرنى قىلىۋاتامسەن؟
ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.