3 ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.
ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم.
لېكىن يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى.
بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغانىدىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىدىم.
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.
كېيىن ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ھابىل پادىچى، قابىل دېھقان بولدى.
ھابىلمۇ پادىلىرى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان پاقلانلىرىدىن سويۇپ، مايلىق يېرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. پەرۋەردىگار ھابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولدى.