21 ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال تارلىق سازلار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى.
سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ، چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر.
ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ، بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ.
ئۇلار داپ بىلەن لىراغا تەڭكەش قىلىشىپ ناخشا ئېيتىشىدۇ، نەي ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا دېگەن بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم داپ ۋە لىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟
ئاداھ يابالنى تۇغدى. يابال چېدىرلاردا ياشايدىغان چارۋىچىلارنىڭ ئەجدادى بولدى.
زىللاھ تۇبال-قېن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قېن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قېننىڭ نائاما ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى.
مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.