Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايمەن. مېنى كېيىن بىرەرسى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن!

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4:14
27 Referans Kwoze  

ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.


ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.


قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


سىلەرگە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يا خاتىرجەملىك، يا پۇت تىققۇدەك يەر بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلۈككە پاتۇرىدۇ.


بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.


قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن.


ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.


ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار!


شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.


ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.


يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.


مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچكىم، كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمىسۇن بالىلىرىغا بىركىم.


ئوغۇللىرى غېرىبانە ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولسۇن، ياقا يۇرتلاردا رىزقىنى ئىزدەپ تىلەمچى بولسۇن.


ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم ئاجىزەلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇمنى ئۆلتۈرسە، ئۈمىد چىرىغىم ئۆچىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ، _ دېدى.


ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.


بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن.


پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite