11 سەن ئەمدى قارغىشىمغا قالىسەن، يەرگە ئىشلىيەلمەيسەن! چۈنكى سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە قان تۆكتۈڭ.
تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»
ئېھ زېمىن، قېنىمنى يوشۇرما، نىدالىرىمنى توسما.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا: _ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنلا قارغىشقا قالىسەن: «ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.
لېكىن، زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتتى.
قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايمەن. مېنى كېيىن بىرەرسى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن!
ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەڭگىللىتىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ: «يەر پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، بىز جاپالىق ئىشلارغا مۇپتىلا بولغانىدۇق، ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللەتكەي» دېدى.