Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4:1
8 Referans Kwoze  

شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.


سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.


ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋائانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا بەردى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.


ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەڭگىللىتىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ: «يەر پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، بىز جاپالىق ئىشلارغا مۇپتىلا بولغانىدۇق، ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللەتكەي» دېدى.


ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار.


خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.


كېيىن ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ھابىل پادىچى، قابىل دېھقان بولدى.


پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite