Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 39:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 39:4
23 Referans Kwoze  

ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.


يۈسۈپ رەت قىلىپ: _ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم ماڭا ئىشىنىپ، بارلىق مال-مۈلكىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقىلا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىدىن خاتىرجەم.


ئۇ بىر كۈنى ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا: _ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ،


سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.


كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر.


چېچەن خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئوغلىنى باشقۇرار، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاتارىدا ئوخشاش مىراس ئالار.


پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.


_ ياق، ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا. سىلى مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىلا، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم.


ۋە ئۇلارغا: _ ھەزرەتلىرىم، ماڭا ئىلتىپات قىلىپ، ئۆيىمىزگە كىرىپ، مېھمان بولۇپ قايتىشقايلا.


چېچەن ئەمەلدارغا ياغار پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى، شەرمەندە ئەمەلدارغا بولسا ئۇنىڭ غەزىپى.


ئاندىن ئۇ يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. ئۇ داۋاملىق يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.


ئەساۋ يەنە: _ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.


مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»


لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەردۇر.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى پادىشاھ ئەلاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى.


ئۇ: _ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىرگە موئابتىن كەپتۇ.


بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.


ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە يەتتە كېنىزەككە ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى.


تاپىسەن ھىممەت ۋە ئىززەت شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھەم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite