18 مەن ۋارقىرىغانىدىم، ئۇ تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى.
ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت قىلدى.
يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ يەنە: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا مۇشۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.