17 ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت قىلدى.
ئىغۋا تارقاتماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسماڭلار.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلدى. ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.
جازالانماي قالماس ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ھالاكەتتىن قۇتۇلالماس يالغان ئېيتقۇچى.
ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى جازالانماي قالماس، يالغان ئېيتقۇچىمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس.
راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار.
سالدى دۈشمەنلەر تەھدىت ماڭا، رەزىللەر سالماقتا جەبىر-جاپا. شىكايەت قىلار ئۇلار ماڭا، قەھرىدىن بالا ياغار بېشىمغا.
يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.
ئاخاب ئىلياسقا: _ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم سەنمۇ؟ _ دېدى.
يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.
چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتكار لىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىز مىسىرلىقلارغا ھاقارەت قىلدى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن قاتتىق ۋارقىرىدىم.
ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى بەرمەي، ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
مەن ۋارقىرىغانىدىم، ئۇ تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى.
يالغانچى ئۆزى زىيان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆچ كۆرەر، خۇشامەتچى ھالاكەت ئېلىپ كېلەر.