16 ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى بەرمەي، ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.
چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.
پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»
رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.
ئۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى، _ دېدى.
ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت قىلدى.