11 بىر كۈنى يۈسۈپ بىر ئىش سەۋەبى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا ئۆيدە باشقا خىزمەتكارلار يوق ئىدى.
ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان شۇملۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇستۇر.
ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.
شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».
مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟
«ئوغرىلاپ ئىچكەن سۇ تاتلىقتۇر، يوشۇرۇپ يېگەن نان تەملىكتۇر».
زىناخورلار قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بىرسى مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن› دەپ يۈزلىرىنى يۆگىۋالىدۇ.
پوتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈپنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىش تۈگۈل، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە تۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى.
پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ: _ كەلگىن، بىز بىر ئورۇندا ياتايلى! _ دېدى. بىراق يۈسۈپ قېچىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى.