Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 38:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 كېيىن ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شېلاھ قويدى. شېلاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كىزىب دېگەن يەردە ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 38:5
8 Referans Kwoze  

يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخنىڭ جەمەتلىرى.


يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان ئېسىل زىغىر يىپتىن رەخت توقۇيدىغانلارنىڭ جەمەتلىرى،


يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،


يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ: _ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شېلاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.


ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا: _ ئوغلۇم شېلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرمۇشقا چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شېلاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى.


يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى.


يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite