2 يەھۇدا ئۇ يەردە كەنئانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى.
يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.
ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى، ھەققانىيلىق بىلەن ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟
بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى.
ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا: _ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،
ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.
«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.
«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.
ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.
يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى.
ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى: _ سەن كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمىگىن.