Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: _ سەن بىزگە پادىشاھ بولۇپ، بىزنى باشقۇرماقچىمۇسەن؟ _ دەپ سوراشى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار يۈسۈپكە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37:8
19 Referans Kwoze  

مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى.


لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.


ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!


بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: - زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرسا!


بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ.


كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا، ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا.


داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: _ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى ۋە يامان نىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى.


ھېلىقى كىشى: _ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.


ئاتاڭ خۇدادىن ئېرىشكەن بۇ بەخت، قەدىمكى تاغ چوققىلىرىدىنمۇ، ئېدىرلىقلاردىكى بايلىقلاردىنمۇ بۈيۈكتۇر. مانا بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىكىگە قونار.


ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلغۇسى كەلمەيتتى.


ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.


كېيىن يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئۇلارغا: _ مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي ۋە 11 يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.


ئۇلار: _ ياق جانابلىرى، بىز ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق.


يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!


ئاندىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!


كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقتا چاقىرغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مول ئىلتىپات كۆرسىتىپ، پۈتۈن زېمىنىنى ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن تولدۇرسۇن. بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونسۇن.


سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite